بۇ ئىككى نەپەر ئادۋوكات ئىلگىرى دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت سەزگۈر دېلولارنى تۇتقان ئادۋوكاتلار ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈم ئۇلارنى مەڭگۈ قانۇن سېپىدىن ئايرىغان.
بۇ ئادۋوكاتلارنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ئەدلىيە دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئۇلارغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەن. بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈم مەڭگۈلۈك كۈچكە ئىگە دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئادۋوكاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك سوتلارغا ئەرز يوللاشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئىككى ئادۋوكاتقا 2009 - يىلى سىچۈەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوت ئىچىۋاتقان "سوت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان " دېگەن جىنايەت ئارتىلغان.
بۇلارنىڭ دېلوسىغا ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بېيجىڭ شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قاراپ چىقىشقا باشلىغان ئىدى.
ئادۋوكات ليۇ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، خىتايدا قانۇنىي مۇھىتنىڭ ئادۋوكاتلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى دائىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا ئۇچرايدۇ. خىتايدا دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدىكى بىر ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنى تاقىۋەتكەن ئىدى.