خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت چىقاردى

بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆز تور بېتىدە، چوڭ ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەت ئېلان قىلغان.

ھۆججەتتە بەزى رايون ۋە بەزى ساھەلەردە قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا قاتتىق نارازىلىق بارلىقى؛ بۇ جاي ۋە بۇ ساھەلەردە چوڭ ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقى، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ ھۆججەت 10 ‏- ئايدا ھازىرلانغان بولۇپ، تۈنۈگۈن ۋېن جياباۋنىڭ تەستىقى بىلەن ئېلان قىلىنغان. ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنىڭ كېچىكىشى، بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ئىسلاھاتچى ۋە كونسېرۋاتىپ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ پىكىر ئىختىلاپىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتا.

چۈنكى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆتكەنلەردە ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە، ئەگەر خىتاي سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، بۇندىن بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى نەتىجىلىرىنى قولدىن چىقىرىپ قويىدۇ دېگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى ۋاشىنگىتون زىيارىتى داۋامىدىمۇ، ئەدلىيە ۋە ئاخباراتنىڭ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خىتايدا دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ تەكىتلىنىشى ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئىسلاھات مايىللىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنىڭ يۈكسىلىشى دەپ قارالماقتا.