كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، "دائىرىلەر ئىنكار قىلىپ كەلگەن بۇ تۈرمىلەرنىڭ مەۋجۈتلۇقىنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە " دەپ قاراشماقتا.
بېيجىڭ ۋە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىدە ئەرزىدارلارنى قانۇنسىز سولاپ، ئۇلارنى خارلايدىغان، ئەرزىدارلارنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىشىنى توسايدىغان "قارا تۈرمىلەر" ھەققىدىكى خەۋەرلەر يېڭى نەرسە ئەمەس. "قارا تۈرمە "ھەققىدىكى مەلۇماتلار بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان مەسىلە ئىدى.
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى "قارا تۈرمە" دەپ ئاتالغان بۇنداق غەيرى رەسمىي تۈرمىلەرنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى رەت قىلىپ كەلگەن. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر تۈرمىلەر ھەققىدىكى دوكلاتىنى رەت قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. چىن گاڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، " بۇ مېنىڭ جاۋاب بېرىش دائىرەمدىن ھالقىغان مەسىلە، بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن سوراڭلار"دەپ كۆرسەتتى.
"كۆزىتىش" ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە بۇ تۈرمىلەرنىڭ مەۋجۈتلۇقى "ئەرزىدارلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزگەنلىك" دېيىلگەن.