نامايىش نىڭبو شەھىرى جېنخەي رايونىدا يۈز بەرگەن. دائىرىلەر نامايىشچىلارنىڭ «ئىنتايىن ئاز بىر ئۇچۇم كىشىلەر» ئىكەنلىكنى، ئۇلارنىڭ جۈمە كۈنى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا تاش-تۇپراق ياغدۇرۇپ قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى نامايىشچى ئامما غەرب مەتبۇئاتلىرىغا بۇ قېتىم نامايىش قىلغانلارنىڭ سانى نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن گاز ئاقتۇرۇش بومبىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن نامايىشىنىڭ زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دائىرىلەر بىرقىسىم نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە نامايىشنى شەنبە كۈنى ئاران بېسىقتۇرغان.
يېقىنى يىللاردىن بۇيان خىتايدا بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپەيگەن ئىدى.