ئۇ خىتايدا بېسىلغان قۇرئاندىكى خاتالىقلارنىڭ كىشىنى سەسكەندۈرگۈدەك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنى خىتايدا بېسىلغان بۇ قۇرئانلارنى ئالماسلىققا، قىممەترەك بولسىمۇ ئىراننىڭ ئۆزىدە بېسىلغان قۇرئاننى ئېلىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىران دائىرىلىرى نۆۋەتتە خىتايدا بېسىلغان قۇرئانلارنى چەكلەش ھەققىدە قارار ئېلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىكەن.
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماللار تەننەرخى ئەزان بولغانلىقتىن دۇنيا بازىرىنى كەڭ ئىگىلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ئىستېمالچىلاردا ئۇزۇندىن بۇيان نارازىلىق قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە.
بۇندىن ئىلگىرى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالىدىغان ماددىلارنىڭ بارلىقى بايقىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە بەزى خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويۇلغان ئىدى.