فرانسيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كېچىدە، ساقچىلار19 ياشلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۈ گېڭرۇڭنى تۇتۇپ كېتىپ، ئۇنى 'بىر قىزنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى' ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇرۇپ قېينىغان. جىنايەت گۇماندارى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنى 'توساتتىن كېسلى تۇتۇپ ئۆلدى' دەپ ئېلان قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە، جىنايەت گۇماندارلىرىنى قېيىناپ ئۆلتۈرگەن ساقچىلارغا 3 يىللىقتىن تۆۋەن جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قارىتا خەلقنىڭ غەزىپى تېخىمۇ ئۆرلىگەن.
ھازىر كىشىلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق 'بۇنداق ياۋۇز ساقچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى، كام دېگەندە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىشى لازىم'، ئەمما 'خىتايدىكى قانۇن خەلقنى جازالاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن' دەپ پىكىر بايان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ياۋۇزلىقىغا ۋە سوتنىڭ چىرىكلىكىگە بولغان غەزەپ -نەپرىتىنى ئىپادىلىمەكتە.
