ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇلتۇردىن بۇيان خىتايدا سېرىق مەزمۇندىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقان دېگەن باھانىدە بۇيرۇق بىلەن تاقىۋېتىلگەن 300 نەچچە تور بېكىتىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ھەم پۇقرالارغا ئېچىۋېتىلگەن ئەركىن مۇنازىرە مەيدانى ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئىنتېرنېتقا قويۇلغان بۇ خىل زىيادە چەكلىمىگە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلارنىڭ دىققەت قىلىشى تەكىتلەندى.
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇربىز، دىيارىم قاتارلىق 300 نەچچە تور بېكىتى ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دېگەن باھانىدە تاقىۋېتىلگەن ھەمدە كۆپلىگەن تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى قولغا ئېلىنغان ئىدى.