بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، يۇقىرىقى 4 نەپەر پاكىستانلىق ۋە ئافغاننىڭ يېقىندا 5.144 كىلوگرام خېروئىن بىلەن شېنجېن تاموژنىسىدا قولغا چۈشكەنلىكى، بۇ خىتاي تاموژنا دائىرىلىرى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى پاش قىلغان مىقدارى ئەڭ كۆپ خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاموژنا دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى پاكىستاندىن شىنجېنغا يوللانغان 2 ۋاگون مالنىڭ ئىچىدە خېروئىن بارلىقىغا دائىر ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ساقچىلار بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ۋاگوندىكى 5.144 كىلوگرام خېروئىننى بايقىغان شۇنداقلا 9 - ئايدا خىتاي تەۋەلىكىدىكى بىر ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا مالنى تاپشۇرۇۋالغىلى كەلگەن چەتئەللىكنى قولغا ئالغان. مەزكۇر دېلوغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى جەمئىي 9 نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 پاكىستانلىق، 2 ئافغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 كىشى چەتئەللىك ئىدى.
بۇ ۋەقە 2007 - يىلى ئۈرۈمچىدە 4 كىلوگرام خېروئىن بىلەن تۇتۇلۇپ قېلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ھىندى قان سىستېمىسىدىكى ئەنگلىيىلىك ئاكمەل شايىكنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ 2 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئەنگلىيە خىتاينى ئاكمەلنىڭ مەسىلىسىدە "كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى دەپسەندە قىلىش" بىلەن ئەيىبلىگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار شەخسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، 2004 - يىلدىن باشلاپ خىتايغا كىرىدىغان خېروئىننىڭ كېلىش مەنبەسى ئالتۇن ئۇچ بۇرجەك رايونىدىن ئافغانىستانغا يۆتكەلگەنلىكىنى، ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان خېروئىننىڭ ئىچكىرىدىكى گۇاڭجۇ، شېنجېن، شاڭخەيلەردە سېتىلىپلا قالماي، ئۈرۈمچى، چۇڭچىڭ ۋە چېڭدۇلاردىمۇ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.