ئۇلار باياناتىدا، خىتايدا ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخباراتقا بولغان قامال ئازراق يۇمشىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىك ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چەتئەللىك مۇخبىرلارنى تەقىپ قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يەنە ئارتىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار باياناتىدا يەنە، "خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ جوڭگو پۇقراسى بولغان ياردەمچىلىرىنىمۇ پاراكەندە قىلىپ، تەھدىت سېلىۋاتىدۇ " دېگەن.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ياردەمچىلىرىنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ سوراققا تارتىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ نېمە توغرىلىق خەۋەر يېزىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن. بەزى ۋاقىتلاردا مۇخبىرلار سىرتلاردا زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تەقىپ قىلىپ، زىيارەت جەريانىنى كۈزىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللار چەتئەل مۇخبىرلىرىنى ۋەھىمىگە سالماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتايدا ئىقتىسادقا ئائىت خەۋەرلەرنى يازىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلار "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" بىلەن تەھدىتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار باياننامىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زادى نېمىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەركىزى نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىمۇ بۇ يىل 2 - ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇچۇر - ئاخباراتقا بولغان قامالنى قويۇپ بېرىش ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.