خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتايدا ياپونغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا. شەنبە كۈنى خىتاينىڭ چېڭدۇ، شىئەن، خاڭجۇ، جېڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى يەنە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ جىنياڭ شەھىرىدە چوڭ كۆلەمدە نامايىش بولۇپ، نامايىشچىلار ياپونىيە شىركىتى ئاچقان ئاشخانا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ماگىزىنلىرىنى بۇزۇپ چاققان.

نامايىشچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى داۋاملىشىش جەريانىدا شەھەردە ھەربىي ماشىنىلار پەيدا بولۇپ، نامايىشنىڭ توپىلاڭغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.

نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار "ياشىسۇن جۇڭگو"، "ياپونىيە ماللىرىنى چەكلەيلى" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى بۇ نامايىشلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ كۈچەيگەن ئىدى.

خىتايدا ئادەتتە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق تۈسى ئالغان ھەر قانداق شەكىلدىكى نامايىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۆتكەن يىلى 5 - ئىيۇلدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدا قوللىرىدا خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئۇيغۇرلار باستۇرۇشقا ئۇچراپ، ئاخىرى توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى ياپونىيىگە قارشى نامايىشلارغا ھۆكۈمەت، ساقچى ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ كۆز يۇمۇۋاتقانلىقى ئېيتىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ما جاۋشۈ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "بىر قىسىم ئاممىنىڭ ياپونىيىنىڭ خاتا سۆز ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ئاچچىقىنى ئىپادىلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى"نى ئەسكەرتكەن ھەمدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى "ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى" دەپ ئاتىغان.