شەنشىدە يەر تەۋرەيدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقىلىپ كىشىلەر سىرتتا قوندى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە ھەپتە ئاخىرى يەر تەۋرەيدىغانلىقى ھەققىدە گەپ تارقىلىپ ئون مىڭلىغان كىشى سىرتتا قونۇشقا باشلىغان ۋە بۇ ۋەقە جەمئىيەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

كېيىن يەر تەۋرەش ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەنشىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا جىددىي يەر تەۋرەيدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر 20 - فېۋرال شەنبە كۈنى تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقاپ كىشىلەردە ساراسىم پەيدا قىلغان ۋە ئون مىڭلىغان ئامما ئۆيلىرىدىن تاشلاپ بۇ ھەپتە ئاخىرى سىرتتا قونۇشقا مەجبۇر بولغان.

شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رادىئو ‏ - تېلېۋىزور ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەر تەۋرەش ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.

شەنشى ئۆلكىسى باياناتچىسى ۋاڭ لياڭ بۇ نۆۋەت سەنشى خەلقىدە كۆرۈنگەن ئەنسىزلىكىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلىپ بارغان يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇش مانېۋىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2008 - يىلى مايدا خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يۈز بېرىپ 90 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان يەر تەۋرەش، خىتايدا تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى بىنا تۇرالغۇلارنىڭ ئانچە چىدامچان ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى .