چەتئەل ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يوشۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا

مۇستەقىللىق گېزىتى بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى "بۇلتۇرقى سىچۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھازىرغا قەدەر يوشۇرماقتا،" دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى - 12 مايدا يۈز بەرگەن سىچۇەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن بالىلارنىڭ سانىنى خىتاي دائىرىلىرى بىر يىلغىچە خەلقتىن ھەم خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاپەتتە ئۆلگەن ئۆسمۈر بالىلار 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئىكەن، يالغۇز پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىلا 8 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

سىچۇەن مائارىپ تارماقلىرى بۇلتۇر 12 - ماي سىچۇەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئوقۇغۇچىلار سانى 6376 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە يارىلانغان ھەم ئۆلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى ئەرزدار ئاتا - ئانىلارغا قارىتا باستۇرۇش، پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سىچۇەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، بالىلىرىنى ئۆلۈم سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ھۆكۈمەتكە بارغان ئاتا ‏ - ئانىلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۈچ ھەپتىگە قەدەر قاماپ قويغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن جىنايەتچى سۈپىتىدە قاتتىق تەقىپكە ئېلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا سەككىز ياشلىق بالىلارمۇ بار ئىكەن.

دوكلاتتا ئەرزدار ئاتا - ئانىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە مەكتەپتىكى ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىنىپلاردا دەرس ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، مەكتەپ مەمۇرىي ئىشخانىسىدىكى خادىملار ھەم ئوقۇتقۇچىلار ئاپەتتە ھېچقانچە زىيانغا ئۇچرىمىغان.

ئاپەت يۈز بەرگەندە خىتاي ساقچىلىرى مەكتەپلەرنى دەرھال قامال قىلىپ، ئاتا - ئانا ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ئىدى.