سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە 5335 ئوقۇغۇچى ئۆلگەن ۋە ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقالغان

خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەشنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۇنجى قېتىم، بۇلتۇرقى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ھەم ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ 5335 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سىچۈەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىشىچە، شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن بارلىق ئادەم سانى 68 مىڭدىن جىقراق ئىكەن، ئىز - دەرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر تەخمىنەن 18 مىڭ ئادەم ئىكەن.

سىچۇەن ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتى يەنە شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبلىك، ئۆرۈلگەن بىنالارنى تەكشۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەسىلە ئېنىقلانغان زامان، ئەينى چاغدا بۇ قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان قۇرۇلۇش شىركەتلىرى قانۇن بويىچە جازاغا تارتىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى سۈرۇشتە قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى مەسىلىسى تا ھازىرغىچە ناھايىتى سەزگۇر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، قۇرۇلۇش لايىھىلەش ئېنژىنېرى ئەي ۋىيۋىي ئەپەندى ئۆزىنىڭ شۇ قېتىملىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان پىدائىلاردىن ئىكەنلىكىنى، ھۆكۇمەتنىڭ ئېلان قىلغان سانىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىغىنى، شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 7000 غا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.