خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زەھەرلىك قۇرۇت تۇرپاندىمۇ تېپىلغان

تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، يېقىندا خىتاي ئۆلكىلىرىدە پەيدا بولغان ۋە مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان زەھەرلىك قۇرۇتنىڭ، تۇرپاندا پەيدا بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇقتۇرۇشتا، بۇ خىل زەھەرلىك قۇرۇتنىڭ ئۈرۈمچىدە تېخى بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى بۇ جەھەتتە ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى سۈرەتلەپ، زەھەرلىك قۇرۇتنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغۇچىلار بولسا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا ئۈندىگەن.

خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى يۆلەش ۋە ياردەم بېرىش دولقۇنى قوزغىغان بۇ پەيتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زەھەرلىك قۇرۇتنىڭ تۇرپاندا بايقىلىشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر باش قېتىنچىلىقى دەپ قارالماقتا.