شىنخۇا ئاخباراتىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر يۇقۇملىنىش ھادىسىسى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جىيۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، شەنشى ئۆلكىسىدە قوغۇشۇن بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسى كۆرۈنگەندىن كېيىن، خېنەن ئۆلكىسى جىيۈەن شەھەرلىك سەھىيە دائىرىلىرى 14 ياشتىن تۆۋەن 2743 نەپەر ئۆسمۈر ئۇستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە 968 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ قان تەركىبىدە قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جىيۈەن شەھىرىدە 35 قوغۇشۇن ئېرىتىش زاۋۇتى بار بولۇپ، 53 يىلدىن بېرى قوغۇشۇن ئىشلەپچىقىرىپ كەلمەكتە ئىكەن.
جىيۈەن شەھىرىنىڭ باشلىقى يۇقۇملىنىشنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك بۇلغىنىشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خىتايدا شۇ خىلدىكى ئەڭ يېڭى يۇقۇملىنىش ھادىسىسى بولۇپ، ئۆتكەنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە شەنشى، يۈننەن ۋە فۇجيەن ئۆلكىلىرىدىمۇ مىڭلىغان ئۆسمۈرلەر قوغۇشۇن بىلەن يۇقۇملىنىپ ياتاققا ئېلىنغان ئىدى.