'خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.06.28
2010.06.28
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسپانىيە بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئېستېبان بېلتران مۇنداق دېگەن: "ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك."
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىي رىچاردسون خانىم، ئىلگىرى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنىڭ ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە "ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ھەقىقىي قوغدىلىدىغان مۇھىت يارىتىش ئۇچۇن پايدىلىنىشى كېرەك" دېگەن.
بۇ ئىككى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خادىملىرى يەنە، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت تۈپەيلى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.