چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرى چۇقۇم موڭغۇللارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك، ئۇنداق بولمىسا تىبەتلەر، ئۇيغۇرلارمۇ، موڭغۇللاردىنمۇ يامان ئەھۋالغا قالىدۇ' دېگەن.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، موڭغۇللار 13 - ئەسىردە چىڭگىزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ناھايىتى چوڭ ئىمپېراتورلۇق قۇرۇپ جاھانغا تونۇلغان. 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنلا ئۆزىگە ئەزا قىلىۋالغان موڭغۇللاردىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن موڭغۇل خەلقىنى 'ئاپتونوم رايون' دېگەن سېستىمىغا باغلىۋالغان.
ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇل يۇرتلىرىغا خىتايدىن كۆچمەن ئەكىلىپ، يەر ئىگىلىتىپ، موڭغۇل تىلىنى چەكلەپ، موڭغۇللارنى 'يەرلىك مىللەتچى'، 'بۆلگۈنچى' دەپ جازالاپ پارچىلىغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنى 'موڭغۇل خەلق پارتىيىسى' نىڭ ئەزالىرى دېگەن بەدنام بىلەن قىرغان. بۇ جەرياندا 'خىتاي مەدەنىيىتى' نى كېڭەيتىش ئارقىلىق موڭغۇللارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا باشلىغان.