خىتاي دائىرىلىرى 1980 - يىلى 25 - سېنتەبىر، پارتىيە ئەزالىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتايدا بويىچە بىر پەرزەنتلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ سىياسەت ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى.
پرېزىدېنت بۇش ھاكىمىيەت سورىغان 2000 - يىلدىن 2008 - يىلغىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت نوپۇس فوندىنىڭ خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر فوندىغا بېرىدىغان پۇلنى توختاتقان ئىدى.
جۈمە كۈنكى ئاخبارات ئېلان يىغىنىغا، كىرستوفېر سىمىت، جوي پىتس، ئان جوسېف ساۋ قاتارلىق دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىدىن لى خوڭپىڭ، ۋۇ خوڭدا، سەي لىڭ قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.
ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ "بىر پەرزەنتلىك تۇغۇت سىياسىتى" خىتاي نوپۇسىنى كونترول قىلىشتا خېلى زور ئوينىغان بولسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ تۈزۈم خىتايدا ئەر -ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يېقىندا ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يۈرگۈزۈشنى ئويلاشماقتىكەن.