بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىزلارنى تونۇشتۇرىدىغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

قىرغىزىستانلىق تارىخچى پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئاسانقانوف قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك تارىخىي مۇزېيدا "خىتاي قىرغىزلىرى" نامىدا بىر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئاچقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە قىرغىزىستاننىڭ بىر قىسىم ئىلىم ساھەسىدىكى ئەربابلىرى، پارلامېنت باشلىقى ھەمدە خىتاي - قىرغىزىستان دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئامما قاتنىشىپ، فوتو سۈرەتلەرنى كۆرگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27 - فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەتكە خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى قاتنىشىپ، ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىزلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت - مائارىپ ۋە باشقا تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى نامايەن قىلىنغان.

قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىگە ھەم باشقا جايلارغا تارقالغان قىرغىزلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قىزىقىش خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە ئاتاقلىق ماناسچى جۈسۈپ ماماينىڭ ماناس داستانىنى ئېيتىش، رەتلەش ۋە نەشىر قىلىش ئىشلىرىغا قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنى ئالىي دەرىجە بىلەن مۇكاپاتلىغان. شۇنداقلا، قىرغىزىستاننىڭ "ئالاتوۋ" ئەدەبىي ژۇرنىلى مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىزلارغا ئاتاپ بىر سان نەشىر قىلىپ، بۇنىڭدا قىرغىزلارنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى چەتئەللىك قىرغىزلارنىڭ قىرغىزىستاندا ماكانلىشىشىغىمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن قىرغىزلارنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىغان ھەمدە بىر قانچە ئون نەپەر قىرغىز ياشلىرىنى تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قانچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ياش ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئىدى.