ئاۋسترالىيىدە خىتايدىن كەلگەن زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلدى

ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى خىتايدىن يۆتكەلگەن 246 مىليون دوللار قىممىتىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرگەن.

سىدنېيدا ئېلىپ بېرىلغان تۇيۇقسىز بېسىپ كېرىپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىككى گۇماندار قولغا ئېلىنغان. بۇ گۇماندارلارنىڭ بىرى ئامېرىكىلىق، يەنە بىرى كانادالىق ئىكەن. ئەمما بۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئاشكارىلانمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان مەزكۇر زەھەر ئەتكەسچىلىكى ئۈستىدە مۇرەككەپ تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان.

نەتىجىدە 235 كىلوگرام «مېتامفېتامىن» دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك دورا ۋە 115 كىلوگرام كوكائىن قولغا چۈشۈرۈلگەن.

مېتامفېتامىن مەست قىلىش، روھلاندۇرۇش ۋە خۇمار قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولغان بىر خىل زەھەرلىك ماددا بولۇپ، قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش خەلقئارادا چەكلەنگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرىقى ماددىلار قوشۇپ ئىشلەنگەن قانۇنسىز دورىلار «گىلدىڭباش كۇمىلىچى» دەپ ئاتالغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە قولغا چۈشۈرگەن بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن بولغاچقا، دائىرىلەر تەكشۈرۈشنى خىتايغىچە كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.