فىلىپپىن، برۇنى، كامبودژا، مالايشىيا، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە تەيۋەن خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، شۇنىڭدەك ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەپلا قالماستىن خىتايدىن ئىمپورت قىلىندىغان پۈتۈن يېمەكلىكلەر ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتكەن.
بۇ ئارىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارىدىن كېيىن، رۇسىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 1 مىليون 7 يۈزمىڭ توننا بالىلار سۈت پاراشوكىنى مۇسادىرە قىلىپ، خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن.
پەقەت ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرلا ئەمەس، ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرمۇ خىتايدىن سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدا قارار ئالغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقىنىڭ خىتايدىكى سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن جىددىي تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى
خەلىققە كۆرسىتىش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەملىك سورۇنلار ئۇيۇشتۇرۇپ، سەھنىلەردە سۈت ئىچىشكە باشلىغان.