خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياقا يۇرتلىرىغا مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەرگە باج جەھەتتە ئېتىبار بەرمەكچى

خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياقا يۇرتلىرىغا مەبلەغ سالىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە باج جەھەتتە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قارارنىڭ بۇلتۇرقى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي شىركەتلىرى كۆپلەپ كېلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

خىتايدىن چىقىدىغان «خەلق» گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ بەلگىلىمە 2010-يىلدىن، 2020-يىلىغىچە كۈچە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «نامرات رايونلارغا» مەبلەغ سالغان شىركەتلەرگە قارىتىلغان ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بەلگىلىمىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: نامرات رايونلار-شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار، چېگرا شەھەر-ناھىيىلەر، دۆلەتلىك نامراتلىقىنى تۈگىتىش پىلانى ئىچىدىكى ناھىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەلگىلىمىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى رايونلارغا مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەردىن دەسلەپكى ئىككى يىلدا پەقەت تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىكەن، كېيىنكى ئۈچ يىلدا تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى ئېلىنىدىكەن.

كانادادىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەنىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋەيرانچىلىققا يۈز تۇتقان خىتاي شىركەتلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىدە روناق تېپىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايدىكى سانائەت بازىلىرى خىتاي يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان مۇھىت بۇلغاش ھادىسىنى كېمەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇنداق دېدى: بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش غەرىزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىگىمۇ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

خىتاي بۇ مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنى «ھالقىما تەرەققىياتقا پايدىلىق» دەپ كۆرسەتمەكتە.