خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ يىل 3 - فېۋرالغا قەدەر مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمغا يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز، 60 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.
خىتاي غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى ئىككىنچى تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.
بىرىنچى تۇرۇبا لىنىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان. ئىككىنچى لىنىيىسى جۇڭغار نېفىتلىكىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى بىر قىسىم شەھەرلىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.