خىتاي ئامېرىكىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى پىكرىنى تەنقىد قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى سۆزىنى تەنقىد قىلدى.

ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە تىبەت ئىشلىرى ئالاھىدە ئەمەلدارى مارىيا ئوتېرو، چارشەنبە كۈنى تىبەتتىكى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىن تىبەتلەرنىڭ «ئۆز دەرد-ئەلىمىنى ئەركىن ئىپادىلىشىگە» يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ‏2009-يىلدىن بۇيان 90 دىن ئارتۇق تىبەت پۇقراسى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ خىل نارازىلىق ۋەقەلىرى بۇ يىل 11‏-ئايدا جىددىي كۆپەيگەن.

مارىيا ئوتېرو چارشەنبە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، تىبەتتىكى «زوراۋانلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ۋە قايغۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرۈپ: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت تىلىنى چەكلەش، دالاي لامانى قارىلاش ھەرىكىتى ۋە ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى ۋەزىيەتنى ئىلگىرىلەپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى، دېگەن.

بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېي، جۈمە كۈنى ئامېرىكا تەرەپكە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى «جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق»» دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق پىكىر بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

لېكىن مارىيا ئوتېرو باياناتىدا يەنە، بېيجىڭنى دالاي لاما بىلەن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قوشماي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغان. مۇخبىرلار، دىپلوماتلار ۋە باشقا كۆزەتكۈچى خادىملارنىڭ تىبەتلەر رايونىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان.