خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوقۇشقا ماڭغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق تاپىلاندى

تۈنۈگۈن يەنى 26-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار، ئۈرۈمچىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاراپ يولغا چىققان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلىرىدىن ئەركىن تۇرداخۇن قاتارلىقلار، پويىز ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، سەپەر ئۈستىدىكى ئۆسمۈرلەرگە خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تاپىلىغان. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغاندا ئۆز-ئارالا دوستلاشماي خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەنمۇ دوستلىشىشنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئۈلگە بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلىرىنىڭ، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان بۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە، سىياسىي تەربىيە بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، تەيىنلەنگەن ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە قۇلچىلىق ئىدىيىسىنى ھەر يەر، ھەر پۇرسەتتە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە بالىلارنى ئوقۇشقا ئۇزىتىشتىن ئىبارەت بىر ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنىدا، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئىلىم، ئەخلاق توغرىسىدا ئارزۇ-تىلەكلەرنى بايان قىلىشىنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى كومپارتىيىگە سادىقلىق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىندىلىقنى تەۋسىيە قىلىشىنى مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ «ئۈز تەبىئىتىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى» دەپ تەنقىدلىدى.