بۇ كىشى، "شەرقى تۈركستاندىكى مۇسۇلمانلارنى قوللاش دۇنيادىكى ھەممە مۇسۇلماننىڭ مۇقەددەس بۇرچى،" دەپ تەكىتلىگەن.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئۆزىنىىڭ كىملىكىنى 'ئەل قائىدىچى'دەپ ئاتىغان بۇ كىشى، خىتاينى، خۇددى 1979 - يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، 1989 - يىلى ئەلقائىدىچىلەر تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاتقان ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى، شەرقى تۈركستاندىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆز قەۋمىلىرىنى يەرلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا چېگرىداش بولغان دۆلەتلەرگىمۇ قولىنى سوزۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن.