خىتاي قازاقلارغا يەنە زور مىقداردا قەرز پۇل بېرىشكە قوشۇلغان

قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ مىس كانچىلىك شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان قازاقمىس شىركىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر بانكىسى قازاقىستان مىللى مەبلەغ فوندى - سامرۇك كازىنا بىلەن بىرلىشىپ، قازاقمىس كانچىلىق شىركىتىگە ئىككى مىليارد 700 مىليون دوللار قەرز پۇل بېرىشكە قوشۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.12.30

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەرز پۇلنىڭ بىر قىسىمىنىڭ قازاقىستان مىللى مەبلەغ ئىگىلىك فوندىدىن بېرىلىدىغانلىقىنى، قالغان قىسىمىنى خىتاي تەرەققىيات بانكىسى تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاقمىس شىركىتى لوندون خەلقئارا پايچېك بازىرىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى قازاقىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گاز ۋە تەبىئىي بايلىقىغا مەبلەغ سېلىشنى جىددىلەشتۈرگەن. خىتاي بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا قازاقىستانغا 10 مىليارد دوللار قەرز پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپلا قالماي، تۈركمەنىستاننىڭ يولئۆتەن تەبىئىي گاز نېفىتلىكىنى ئېچىشقا شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شىركىتى بىلەن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گاز نېفىتلىكىنى قېزىش قۇرۇلۇشىغا 9 مىليارد 700 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش توختامنامىسىغا ئېرىشكەن. بۇ خىتاي تەرەققىيات بانكىسىنىڭ قازاقىستان مىس شىركىتى كېلىشىم ئىمزالاپ، 2 مىليارد 700 مىليون دوللار قەرز بېرىشكە پۈتۈشكەن ۋاقىت بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

خەۋەردە بۇ پۇلنىڭ 2 مىليارد 100 مىليون دوللىرى قازاقمىس شىركىتىنىڭ بوزچىقۇل مىس كان قۇرۇلۇشى ۋە بوزىمچاق مىس - ئالتۇن قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاقمىس شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئولېگ نوۋاچۇك "بۇ مەبلەغ قازاقىستاننىڭ كۆپلەپ مىس ئىشلەپ چىقىرىپ، خىتايدىكى خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن. لېكىن خىتاي مەبلىغى قازاقىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا خىتاي قازاقىستاندىن يەر ئىجارە ئېلىپ يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللۇنىشنى تەلەپ قىلغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.