خىتاي، چاغان ئۈچۈن پوسكامدىن سەندوڭ، جاڭسۇلارغا 700 نەپەر 'ئېشىنجى ئەمگەكچى' يۆتكەيدىكەن

خىتاينىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان بايرىمى ئۈچۈن پوسكامدىن سەندوڭ ۋە جاڭسۇغا 700 نەپەر ئېشىنجى ئەمگەكچى يۆتكەشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، پوسكام ناھىيىسىدىن دەرھال سەندوڭ، جاڭسۇلاردىكى مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، 'ئېشىنجى ئەمگەكچى' لەر ئۈچۈن پويىز بېتىلىنى بالدۇر تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى توي يېشىدىكى قىز - چوكانلارنى خىتايغا يۆتكەشنى 'ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېشىنجى ئەمگەك كۆچلىرىنى ئېكسپورت قىلىش' دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان ھاقارەت ئىكەنلىكى بىر سىر ئەمەس.