خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋىرىدە بۇ ياشلارنىڭ قايسى ساھەلەردە تەربىيىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇلارنىڭ جياڭسۇدىكى ئالىي مەكتەپلەردە بىر يىل تەربىيىلەنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا، بازار، كەنت، مەھەللىلەردىكى ئاساسىي قاتلام خىزمەتلىرىگە تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ياشلار 2009-يىلدىن ئىلگىرى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تۈگىتىپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، 2010-يىلدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا ئەۋەتىشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۇرسانتلارغا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي تىلى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە تارىخى ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتىلىدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر دائىرىلەرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش» دېگىنىنىڭ، ئەمەلىيەتتە مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە سادىق بىر تۈركۈم ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.