خىتاي دائىرىلىرى تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە "غەربىي رايوندا خىزمەت قىلىش پىدائىيلىرى " نامىدا يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ساھەسىگە ئورۇنلاشتۇرماقتا.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ساھەسىنى ئاساس قىلىپ رەسمىي ئىشقا ئورۇنلاشقان بۇ خىتايلارنىڭ بەزىلىرى جايلىرىدا ئەتىۋارلاپ ئۈستۈرۈلۈۋاتقان ياش كادىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئالتاينىڭ ئۆزىدىلا شۇنداق پىدائىي نامىدا كەلگەن 14 نەپەر خىتاي يەرلىك رەھبەرلىك ئورۇنلىرىدا خىزمەت ئۈتىمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ھەيئەت ئەزاسى ئالدىنقى قېتىملىق ئاپتونوم رايون ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە خىتايدىن كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقان بەزى خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتايچە ئورتاق تىلدىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغانلىقى، ھەر خىل شېۋىلەردە سۆزلەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس قوبۇل قىلىشىغا، مائارىپ سۈپىتىگە ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.