ئاۋستىرالىيىلىك يازغۇچى فرانك مۇرخائۇس خىتاي زىيارىتىگە بايقۇت ئېلان قىلدى

ئاۋستىرالىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى فرانك مۇرخائۇس جۈمە كۈنى ئاۋستىرالىيە مەتبۇئاتىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 3 ‏-ئايدا ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان خىتاي زىيارىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2001‏-يىلى مۇرخائۇس ئۆزىنىڭ "قاراڭغۇ ئوردا' ناملىق رومانى بىلەن ئاۋستىرالىيىنىڭ مايلىس فرانكلىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ خىتاينى زىيارەت قىلىشنى بايقۇت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدا، "مەن ئۆز دۆلىتىمدە دائىم پىكىر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتىم. ئەگەر مەن خىتايغا بېرىپ، سۈكۈت قىلسام بۇ مۇۋاپىق بولمايدۇ" دېگەن.

مۇرخائۇس ئەسلى پىلانىدا خىتاينىڭ چىڭدۇ، بېيجىڭ، شاڭخەي، خوڭكوڭ قاتارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بىر قاتار ئەدىبىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشاتتى. ئۇ ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزى خىتايدا قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەردە ليۇ شاۋبو ئۈچۈن سىمۋول خاراكتېرلىك بىر بوش ئورۇن ھازىرلاشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان.

ليۇ شاۋبو 2008 ئاساسىي قانۇن نىزامنامە ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق قوزغىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا سوت ئېچىپ،ئۇنى 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ليۇ شاۋبو قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، غەرب ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن زاتلار ۋە ئالىملار خىتاي دائىرىلىرىدىن ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ليۇ شاۋبوغا قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.