ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى ھازىرلىدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قانۇن لايىھىسى سۇنۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا ئامېرىكىغا كىرىش ۋىزىسى بېرىشنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىراق مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانسا ۋە پرېزىدېنت ئوباما ئىمزا قويسا رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

«خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش-2011» دەپ ئاتالغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە پائالىيەتچىلەر، ئادۋوكاتلار ۋە ژۇرنالىستلارغا تەن جازاسى بەرگەن، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى زوراۋانلىققا تايىنىپ باستۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى رەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلىدار ئاياللارنى بالا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغان، شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنى ئېلىپ ساتقان ۋە ياكى ئۇلارنىڭ يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشىغا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىش رەت قىلىنىدۇ.

كرىستوفىر سىمىت ئالدىنقى كۈنى تيەنئەنمىن ۋەقەسىنىڭ 22 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى تونۇشتۇرۇپ، «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ زۇلمەتلىك بىر مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئەسكەرتىپ، «بۈگۈن بىز كىشىلىك ھوقۇق شەپقەتسىز دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان بۇ ئەھۋالنى 1989‏-يىلى 6‏-ئاينىڭ 4-كۈنى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى قىرغىنچىلىقتىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان.

بۇ قانۇن ئۆز خەلقىنى باستۇرۇۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرىگە ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان دەپسەندىچىلىككە كۆز يۇممايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.