دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
2013.01.15
خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ كېچاڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇنازىرە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررورچىلىقنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرىنىڭ خىتايدىكى تېررور ھەرىكەتلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مېلىغا نۇرغۇن زىيانلارنى سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ يىغىندا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئەللەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە ئالاقىدار 4 ماددىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپ، تېررورغا قارشى كۈرەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئەمەلدارى شۈ كېچاڭنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى قەتئىي رەت قىلدى ۋە ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلقئارادا قوزغالغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دۆلەت تېررورچىلىقى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، خىتايدىن تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن تامامەن پەرقلىنىدىغان بىر مىللەتنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا ئەسكەرتىپ، ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى كىشىلىك ھوقۇقنى ياقىلايدىغان خەلقئارا جامائەتكە بەش قولدەك ئايان، دېدى.