خىتاينىڭ ماكېدونىيىگە مەكتەپ ئاپتوبۇسى ياردەم قىلىشى خىتاي تور ئەزالىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ياۋروپا دۆلىتى ماكېدونىيىگە 23 يۈرۈش مەكتەپ ئاپتوبۇسى سوۋغا قىلغان ئىدى. بۇ، خىتاي تور ئەزالىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خىتايچە سىنا تو ربېتىگە دۆشەنبە كۈنىگە قەدەر 500مىڭدىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىلغان. ئىنكاسلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەردىكى مەكتەپ بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئاچچىق ۋە ھەجىۋىي سۆزلەر بىلەن تەنقىد قىلىنغان. بولۇپمۇ، ماكېدونىيىگە ئاپتوبۇس سوۋغا قىلىشنىڭ، گەنسۇدىكى قاتناش ۋەقەسىدە 19 يەسلى ئوقۇغۇچىسى ئۆلۈپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمىگەن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى خىتاي تور ئەزالىرىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان.

خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي باياناتچىدىن، توردىكى مەزكۇر ئىنكاسلارغا قارىتا پوزىتسىيىسىنى سورىغان. خىتاي باياناتچى توردىكى تەنقىدلەر توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەن. ئەمما، ماكېدونىيىنىڭ ئەينى چاغدا، سىچۈەندە يەر تەۋرىگەندە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى، مانا بۇ ياخشىلىققا جاۋابەن مەزكۇر ئاپتوبۇسلارنىڭ سوۋغا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ماكېدونىيىگە ئاپتوبۇس سوۋغا قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىغان بىر پەيتتە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە بىر مەكتەپ ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ ئاپتوبۇستىكى 39 ئوقۇغۇچىدىن 35 نەپىرى يارىلانغان.