فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى جاڭ گۇباۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ "بىز نېفىت زاپىسى بازىسىنى قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈنۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭدىكى مايتاغدا باشلىدۇق.... بۇ 2 - باسقۇچلۇق نېفىت زاپىسى بازا قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى ئەمەلدار قازاقىستان ۋە رۇسىيىدىن ئىمپورت قىلىنغان 4.5 مىليون كۇب مېتىر خام نېفىتنىڭ بۇ بازىدا ساقلىنىدىغانلىقى، نېفىت قاچىلاش ئىشلىرىنىڭ ئۆكتەبىردە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مايتاغدىكى بۇ ئىستراتېگىيىلىك زاپاس نېفىت بازىسىدا خىتاينىڭ 2 - باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك زاپاس نېفىت پىلانىدىكى ئومۇمى نېفىت زاپىسىنىڭ 20% ئى، مايتاغدىكى مەزكۇر زاپاس نېفىت بازىسىدا ساقلىنىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى 6 ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرى ئىش باشلىغان. بۇ 3 ئېلېكتر ئىستانسىسى، بىر سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى ۋە بىر ئېلېكتر تورى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
جاڭ گوباۋ بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 23 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقى، 6000 كىشىگە خىزمەت تېپىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ 1 - باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيىلىك زاپاس نېفىت بازىسى، شەرقىي دالىيەندىكى جېنخەي، خۇاڭداۋ، جاۋشەنلەردە قۇرۇلغان بولۇپ، 16 مىليون كۇب مېتىر خام نېفىت سىغاتتى. ئەگەر خىتاينىڭ مايتاغدىكى 2 - باسقۇچلۇق زاپاس نېفىت بازىسى پۈتسە، بۇ خىتاينىڭ 90 كۈنلۈك نېفىت ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن.