'خىتاي ئۈرۈمچى مەسىلىسىنى قورالغا تايىنىپ ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس'

س ن ن نىڭ ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لىن خېلى ئەپەندىنىڭ 'خىتاي ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەك' دېگەن ئوبزورىنى، بۈگۈن 'گېرمانىيە ئاۋازى' ۋە خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'جەنۇبىي خىتاي شەھەر گېزىتى'، 'مىڭپاۋ گېزىتى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى كۆچۈرۈپ باستى.

ئاپتور بۇ ئوبزوردا، ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى، خىتاينىڭ مۈلكىنى ئۇرۇپ، چاقتى، بولىدى، دەپ جاكارلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنلا يەنە دۇنياغا، ئۇيغۇر بىلەن بىلەن خىتاي بىر ئائىلىنىڭ كىشىلىرى، دەپ جاكارلىغانلىقىنىڭ بىمەنىلىكىنى؛ ھازىر بۇنداق گەپ ئويۇنى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى؛ ئۈرۈمچىدە شۇنچە چوڭ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي، دىنىي، مائارىپ سىياسىتى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلماي، مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەلدارلارنى جازالاپ، سىياسەتنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، پەقەت كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىقلا بۇ رايوننى قورال كۈچى بىلەن مۇقىم قىلىش مۇمكىن ئەمەسلكىنى كۆرسەتكەن.