خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرگە "شىنجاڭنى" تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتمەكتە

خەلقئارا مىقيادا ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىشى، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ چەتئەللەردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، "جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە قوشقان تۆھپىسى ۋە شىنجاڭنىڭ قانداق تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانداق بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى" تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە.

27 - سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەردىكى بىر قانچە خىتاي تىلى ۋە باشقا تىللاردا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ تەھرىرلىرى يىغىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن قانداق قىلغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان شۇنىڭدەك ياۋروپادا چىقىدىغان " ياۋروپا ۋاقتى گېزىتى"' ئامېرىكىدىكى "مۇھاجىرلار" گېزىتىنىڭ مەخسۇس "شىنجاڭغا نەزەر" سەھىپىسىنى ئېچىپ، جەمئىي 1000 سان چىقارغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتكە پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى لىچى قاتناشقان. ئۇ، چەتئەللىك گېزىتچىلاردىن "چەت ئەللەردە شىنجاڭنى چۈشىنىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئوبيېكتىپ، رېئال شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش كېرەكلىكىنى "تەكىتلىگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەندە، رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بۇرمىلىغانلىقى" نى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئاتاقلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى، رويتېرس، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، س ن ن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىقلار دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ تۇرۇش بىلەن خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەمدە چەتئەللەردىكى مۇستەقىل مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىنى قامال قىلىشنىمۇ كۈچەيتمەكتە.