خىيانەتچى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىنقى 13 يىلدا چەتئەلگە ئېلىپ قاچقان پۇلى 120 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن

خىتاي خەلق بانكىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي پارىخور ئەمەلدارلىرىنىڭ 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن يېقىنغا قەدەر چەتئەلگە قاچۇرغان ھۆكۈمەت پۇلى 120 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پۇل قاچۇرغان پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ئاساسلىق قېچىش نىشانى ئامېرىكا بولۇپ، يېقىنقى 13 يىلدا قاچۇرۇلغان ئومۇمى پۇل سوممىسى 123 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ پۇلنىڭ 1990‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 2008‏-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قاچۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، بۇ پۇلنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ مۇدىرلىرى بولۇپ 16 مىڭدىن 18 مىڭغىچە كىشى تەرىپىدىن قاچۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا يەنە، بۇ پۇللارنىڭ ئامېرىكا شۇنداقلا يەنە كانادا، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قاچۇرۇلغانلىقىنى، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلدە بانكا ھېسابات نومۇرى ئېچىپ، يەر مۈلك قاتارلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش نامىدا پۇل يۆتكەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، خىيانەتچىلىك خىتاي ئىقتىسادى ۋە سىياسىي مۇقىملىقىغا جىددىي تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم خىيانەتچىلىككە زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ، بەزىدە يۇقىرى دەرىجىلىك بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى جازالاپ قويسىمۇ، لېكىن خىيانەتچىلىك خىتايدا ئىزچىل ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008‏-يىلى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى چېن لياڭيۈينى جازالاپ، ئۇنىڭغا 18 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.

دائىرىلەر يېقىندا يەنە، غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارىنى خىزمىتىدىن توختىتىپ، تەكشۈرۈشكە باشلىغان. بىراق ئانالىزچىلار خىيانەتچىلىكنى خىتاينىڭ ھازىرقى سىستېمىسى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە كۆپ پارتىيىلىك نازارەتچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلمىسا، خىيانەتچىلىك داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.