ئۇيغۇر ئېلىدە 9 مىڭ خىزمەت ئورنىغا 100 مىڭ ئادەم ئىلتىماس قىلغان

ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرىغا 9 مىڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئورۇنغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 100 مىڭدىن ئاشقان.

شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئورۇنلار ئۈچۈن 10 - ۋە 11 - ئىيۇل ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. ئىمتىھانىغا جەمئىي 120 مىڭ 300 نەپەر كاندىدات تىزىملاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئېلان قىلىنغان 9 مىڭ 514 ئورۇننى تالىشىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 1 - ئىيۇل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا " شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشى ئېلانىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر، ئۇياتسىزلىق بىلەن كەمسىتىلگەن" دەپ، كۆرسەتكەن.

بۇ ئورۇنلارنىڭ شەرتلىرى ھەققىدە قانداق ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.