شىنخۇانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 5 خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئىچكىرى ئالداپ ئېلىپ كېتىلگەن بالىلار بىر قەدەر كۆپ ئوبلاست ۋە ۋىلايەتلەرگە ئەۋەتىپ سەرگەردان بالىلارنىڭ سانى، ئەھۋالى ھەم باشقا ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەپ، بالىلارنى ئالداپ ئىچكىرىگە ئېلىپ بارغۇچى جىنايى گۇرۇپپىلارغا ئومۇميۈزلۈك زەربە بېرىش تەييارلىقىنى پۈتتۈرگەن.
بۇ ھەرىكەتكە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئايرىم-ئايرىم يىغىن چاقىرىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى مەخسۇس بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرغان.
26-ئاپرېل كۈنى پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۆسمۈر بالىلارنى ئالداپ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش خىزمەت يىغىنى نەنچاڭ شەھىرىدە ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، جىنايى گۇرۇپپىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
نۆۋەتتە، بۇ ھەرىكەتنىڭ پۈتۈن خىتاي بويىچە بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلمەكتە.
ئىچكىرىگە ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا زور غۇلغۇلىلارنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، بۇ بالىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى پۇقرالار تەرىپىدىن «شىنجاڭلىق يانچۇقچىلار»، «ئوغرىلار» دەپ قارىلىپ، جىسمانىي ۋە مەنىۋى زەربىلەرگە ئۇچراش ھەم ھاقارەتلەشلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى.