ئەسەد خومس شەھىرىنى تېز پۈكتۈرمىگىچە ھۇجۇمنى توختاتمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئامماندىن بايان قىلىشىچە، سۈرىيە پرېزىدېنتى باشار ئەل ئەسەد بۈگۈن خومس شەھىرىنىڭ پۇقرالىرى تەسلىم بولمىغۇچە ھۇجۇمدىن قول ئۈزمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇلار بۈگۈنكى ھۇجۇمىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياسالغان T-72 بەلگىلىك تانكىلارنىمۇ ئىشقا سالدى. ئەسەد قىسىملىرى تۈنۈگۈن خومس شەھىرىدىلا 50 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى، بۈگۈن يەنە 19 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر غەرب مۇخبىرى بار. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەسەدنىڭ دادىسى بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن خاما شەھىرىدە، بىر قېتىمدىلا قوزغىلاڭچىلاردىن 10 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسەدكە قارشى گۇرۇپپىلار بۈگۈن خەلقئارا جامائەتكە، ئۇرۇشتىن خالى بەلۋاغ تەسىس قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇنداقلا يەنە باياناتىدا، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سىرتتىن ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىشتىن ئۆزگە چارە قالمايۋاتىدۇ، دېگەن.