فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار 4-ئىيۇندا قىرغىنچىلىققا ۋە زەربىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشقا چاقىرغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى 2000 ئەتراپىدا بولۇپ، ساقچى تەرەپ ئۇنى ئاز كۆرسەتكەن. نامايىشنى تەشكىللىگەن دېموكراتىك تەشكىلات بۇ يىل 79 يېشىدا ۋاپات بولغان خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى، تيەنەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن سىتوۋخۇئا ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنى قوللاش تەشكىلاتى بولۇپ، نامايىشقا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭى رەھبىرى لى جورىن يېتەكچىلىك قىلغان.
نامايىشچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆكتىچىلىك پىكرىدىكى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينى قويۇۋېتىشكە دەۋەت قىلغان.
ھەر يىلى خوڭكوڭدا تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلەش نامايىشلىرى بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى 150 مىڭ كىشى 4-ئىيۇننى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان. لى جورىن بۇ يىل 4-ئىيۇندىمۇ خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.