بىر ئاي ئىلگىرى يەنى بۇ يىل 18-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، خوڭكوڭغا كەلگىنىدە خوڭكوڭ دائىرىلىرى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرى ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى چاغدا نەچچە يۈزلىگەن ساقچى مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا تەرتىپ ساقلىغان بولۇپ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى سەۋەبلىك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
يوتۇپقا قويۇلغان نامايىش ھەققىدىكى سىنئالغۇدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا «خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەركىنلىك كېرەك، ساقچىلارنىڭ چەكلىمىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرىمىز!»، «خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق ساقچىلىرىدىن پەرقى قالمىدى!»،«خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنى قوغداپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرايلى!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان.
ئوقۇغۇچىلار يولدىن ئۆتكەن ئاممىغا تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىپ، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ لى كېچياڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە، خوڭكوڭ كوچىلىرىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم پۇقرالىرىنىڭ نورمال پائالىيەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
