خوڭكوڭدا «يەسىمەن گۈلى» يىغىلىشى بولدى

خىتاي ساقچىلىرى 27-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئىككىنچى قېتىملىق «يەسىمەن گۈلى» يىغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق قامال قىلىشنى كۈچەيتكەن بىلەن ئەمما خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسەتتى، يەنى خوڭكوڭ دېموكراتلىرى ئاز دېگەندە ئۈچ جايدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ساقچىلار بىلەن يىغىلغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە ئون دېموكراتىك زات يەكشەنبە كۈنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئالاقە ئورنىنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان بولۇپ، ئۇلار ئىككىنچى قېتىملىق «يەسىمەن گۈلى» ئىنقىلابىنى قوللايدىغان لوزۇنكىلارنى ھەم يەسىمەن گۈللىرىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقە بىناسىنىڭ ئالدىدىكى گۈللۈككە قوللىرىدىكى يەسىمەن گۈللىرىنى تىكمەكچى بولغان.

ئۇلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، نامايىشچىلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپ ساقچىلار ئۇلارنى توسۇپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىناسىغا يېقىنلاشتۇرمىغان. بىراق، نامايىشچىلار قوللىرىدىكى يەسىمەن گۈللىرىنى خىتاي بىناسىنىڭ ئالدىغا چوقۇم تىكىش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمىگەن. نەتىجىدە ئۇلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا ئىتتىرىش-تارتىشىش قاتارلىق شەكىللەردىكى توقۇنۇش كېلىپ چىققان.

بۇنداق نارازىلىق ھەرىكىتى خوڭكوڭنىڭ يەنە باشقا جايلىرىدىمۇ يۈزبەرگەن بولۇپ، نامايىشچىلار بۇ ئىككىنچى قېتىملىق «يەسىمەن گۈلى» ئىنقىلابى چاقىرىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشقان.