خوڭكوڭدا مۇخبىرلار نامايىشى يۈز بەردى

يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا 700 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلىق خىزمىتى قىلىۋاتقان 3 نەپەر مۇخبىرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر نامايىشنى خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتى ۋە خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق چەتئەل مۇخبىرلىرى تەشكىلاتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

نامايىشچىلار ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كىيىم كىيىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغىچە يېتىپ كەلگەن.

نامايىشچىلار "مۇخبىرلارغا قوپاللىق قىلما!" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلغان.

خوڭكوڭ مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۆز جەمئىيىتى ۋە باشقا ئاممىۋى ئاخبارات تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىغا قىلىنغان قوپاللىق ئۈچۈن ئەپۇ سورىشىنى ھەمدە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خوڭكوڭلۇق مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىڭ نامايىشى مەزگىلىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مۇخبىرلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى ۋەقەلىرى تۈپەيلىدىن ئالدىنقى ھەپتىدە خوڭكوڭدىكى مۇخبىرلار ۋە دېموكراتىك پارتىيە - تەشكىلاتلار بىرلىكتە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.