ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىغا توپلىنىپ، كوچا بويلاپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن خوڭكوڭ مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشىنى داۋاملاشتۇرغان.
بۇ يىل تىئانانمەن ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي دېموكراتلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن تيەنەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلماقتا.