خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈمى بويىچە، خوڭكوڭ پارلامېنتىدا نۆۋەتتە 60 ئەزا بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت 30 نەپىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. قالغانلىرى ھەرقايسى كەسپىي ساھەلەر تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ؛ خوڭكوڭنىڭ رايون باشلىغى 800 كىشىلىك سايلام كومىتېتى ئەزالىرى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ؛ ئەمما سايلام كومىتېتى ئەزالىرى بېيجىڭ تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.
شۇڭا خوڭكوڭدىكى دېموكراتچىلار، خوڭكوڭدا ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىلىشنى تەلەپ قىلماقتا. بېيجىڭ بولسا، خوڭكوڭدا ئومۇمى پارلامېنت سايلىمىنى 2020 - يىلى، رايون باشلىغى سايلىمىنى 2017 - يىلى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغان.
بۈگۈن خوڭكوڭ رايون باشلىغى دانالد تاڭ، بەش نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىستىپاسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئومۇمى سايلام ۋە ئاممىۋى ئاۋاز بېرىش تەلەپلىرىنىڭ قانۇنى ئاساسىي يوقلۇقىنى بايان قىلغان.
بۇنىڭغا قارىتا خوڭكوڭ ئاۋام پارتىيىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، دېموكراتىيىگە ھەقىقى ئىشەنگۈچىلەرنى سايلامدىن قورقماسلىققا چاقىرغان. نۆۋەتتە خوڭكوڭ پارلامېنتىدا دېموكىراتلارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا، پارلامېنت قارارلىرىدا بېيجىڭ تەرەپدارى ۋەكىللەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە.