خوڭكوڭلۇقلار يېڭى يىل كۈنى نامايىش قىلىپ، دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى

خوڭكوڭدا مىڭلىغان كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ 1‏ - كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئالاقىلىشىش باشقارمىسىنىڭ بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ رەھبىرىنى ئومۇمى سايلام بىلەن سايلاپ چىقىشنى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زاتلاردىن ليۇ شاۋبو ۋە تەن زورېنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار نامايىشقا 30 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ساقچىلار نامايىشچىلارنىڭ سانىنىڭ 9 - 10 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ خوڭكوڭ ۋالى مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ ئالاقىلىشىش ئورنىنىڭ بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايون ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا سىياسىي ئىسلاھات لايىھىسىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلاھات لايىھىسىدە دېموكراتىك گۇرۇھلارنىڭ 2012 ‏ - يىلى ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىگە جاۋاب بېرىلمىگەن ئىدى. خوڭكوڭ ۋالى مەھكىمىسى جۈمە كۈنى يېرىم كېچىدە بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلارنىڭ ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى، لېكىن 2012 ‏ - يىلى ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2007 ‏ - يىلدىكى قارارىنى ئاساس قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭ ۋالى مەھكىمىسى يەنە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2007 ‏ - يىلدىكى قارارىدا 2012 ‏ - يىلى ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 ‏ - ۋە 2020 ‏ - يىلى ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش پىلانى بولسا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىغا بەرگەن ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.