خوڭكوڭلۇقلار ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

بۈگۈن خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

نامايىشچى گۇرۇپپىلار تەييارلىغان چاقىرىقنامىگە خوڭكوڭ ۋە خىتايدا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن 73 ى قول قويغان، نامايىشچىلار ئامېرىكىنىڭ خوڭكۇڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرگەن.

خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى جەمئىيىتى باشلىقى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە : "بىز ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىپ، خىتاينىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق يازغۇچى ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز،" دېدى.

ئۇلار يەنە باراك ئوبامانىڭ، تېخى يېقىندىلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدە چىقارغان قارارنامىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ نويابىردا خىتايغا ئېلىپ بارىدىغان پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتى ھازىر خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا. تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار باراك ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. ئۇلار ئوبامانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلسىنى خىتاي بىلەن كۆرۈشىشىنى ۋە بۇ جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.