شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان بىر ئۇيغۇر يولۇچى ئايالنىڭ يېنىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ قوينىدىن چاقماق تېپىۋالغان.
خەۋەردە بۇ ئايالنىڭ ئىسمى، كەسپىي، يۈرتى، مىللىتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋالى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈۋاتقاندا مېتال بايقاش ئەسۋابى چېلىنىپ، ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئاقتۇرغانلىقى، ئاقتۇرۇشتا ئۇنىڭ قوينىدىن چاقماق ۋە نەق پۇل تېپىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەرھال قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭدىن چەكلەنگەن بۇيۇم ئېلىپ ماڭغان-ماڭمىغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يېنىدا ھېچقانداق چەكلەنگەن نەرسە يوقلۇقىنى ئېيتقان.
مەزكۇر ۋەقە يېقىندا 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خوتەندىن -ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلاشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئاقتۇرۇشنى يولغا قويغان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنغان بۇ 6 كىشىدىن ئىككىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ زادى قانداق ئۆلگەنلىكىنى تازا ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بەلگىلىمە چىقىرىپ، يولۇچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن.